تۇزنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە پايدىسىز تەسىرى
ۋاقىت: 2016/10/11 11:13:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

تۇزنىڭ ئاساسلىق خىمىيىۋى تەركىبى ناترىي خلور بولۇپ، ئاز مىقداردا كالىي، ماگنىي، كالتسىي قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. تۇز ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، يۈرەك مۇسكۇللىرىدا تۇز كەم بولسا يۈرەكنىڭ نورمال سوقۇشىغا تەسىر يېتىدۇ، بەدەندىكى مۇسكۇللاردا تۇز يېتىشمىسە، پۇت قول تارتىشىپ قېلىشتەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئۇزاققىچە تۇز ئىستېمال قىلىنمىسا، بەدەن بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ، تۇز ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى خام ئەشيالارنىڭ بىرى، بەدەندە تۇز يېتىشمىسە ئاشقازان كىسلاتاسى تەدرىجىي ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تۇز يەنە زەھەرنى قايتۇرىدۇ، قاننى سوۋۇتىدۇ، ھۆللۈكنى چىقىرىپ ئاغرىق توختىتىپ، قوتۇر ۋە داۋاملىق قىچىشىپ تۇرىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتتە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئازراق تۇز قوشۇلغان بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىستېمال قىلىنسا، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قورساققا سوغۇق تېگىپ قالغاندا مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قازاندا قورۇپ، قىزىتىپ خالتىغا سالغاندىن كېيىن، ئاغرىق ئورۇنغا مەلۇم ۋاقىت ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە، ئۇ سوغۇقنى ھەيدەپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. يۇتقۇنچاق بىلەن كېكىردەك ئاغرىپ ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغلانغاندا، ئېغىز ھەر كۈنى ئازراق تۇز قوشۇلغان ئىلمان قايناقسۇ بىلەن بىر قانچە قېتىم چايقاپ بېرىلسە، ئۇ ياللۇغلىنىشنى قايتۇرۇش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، تېرىگە جاراھەت چىقىپ، يىرىڭداپ قالغاندا يارا تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇلسا، ئۇ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ تېرىنىڭ چىرىپ كېتىشىنى ساقلايدۇ ۋە جاراھەت ئاغزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆز قىزىرىپ ئاغرىغاندا ھەر كۈنى ئازراق تۇز سېلىنغان قايناق سۇ بىلەن پات پات يۇيۇپ تۇرسا ياكى ئاغرىق ئورۇن تۇز،سېلىنغان قايناقسۇغا چىلانغان داكا بىلەن تېڭىپ قويسا شىپا قىلىدۇ. ئادەتتە باش تۇز قوشۇلغان سۇ بىلەن پات-پات يۇيۇپ تۇرۇلسا ۋە بۇ ئۇسۇل خېلى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇلسا، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ياز پەسلىدە ئادەم كۆپ تەرلەيدىغان بولغاچقا،بەدەندىكى تۇز ماددىسى تەر بىلەن بىللە ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى تۇز بىلەن تەمىنلەنمىسە ئوڭايلا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ياز پەسلىدە تەركىبىدە تۇز بار ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

تۇز يۇقىرىقىدەك دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەددىدىن ئارتۇق مىقداردا داۋاملىق ئىستېمال قىلسا ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى بەزى كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، تۇز قان تومۇرلارنىڭ قېتىشنى تېزلىتىدۇ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۆرەك ۋە يۈرەك كېسىلى ھەم جىگەرنىڭ قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى ياكى بۆرەك ۋە يۈرەك كېسىلى ھەم جىگەر قېتىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.