ئادەم بەدىنىڭ ئەڭ بالدۇر قېرىيدىغان قىسمى قايسى؟
ۋاقىت: 2016/10/19 17:44:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



كىشىلەر ئادەتتە يۈزدە قورۇق پەيدا بولۇشى چاچ ئاقىرىشنى قېرىلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ بالدۇر قېرىيدىغان قىسمى سۆڭەك قۇرۇلمىسى.

تېببىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئورگانىزمدا 20 ياش ئەتراپىدا سۆڭەك قېرىشتەك ھادىسە يۈز بېرىدۇ، سۆڭەك قېرىپ كېتىش سۆڭەكنىڭ كالتىسىيسىزلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ. 50-70 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا سۆڭەكنىڭ كالتىسىيسىزلىنىشى ئەڭ تېز بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۆڭەك پوستلاق ماددىسىنىڭ شالاڭلىشىشى تېزلىشىپ، سۆڭەكنىڭ ئېلاستىكلىقىمۇ تۆۋەنلەپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

كالتسىيسىزلانغان سۆڭەك ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ ھەمدە سۇنغاندىن كېيىن ئاسان تۇتمايدۇ ياكى بوغۇم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياشانغانلار بۇنىڭدىن بەكلا ئازابلىنىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش سۆڭەكنىڭ قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. شۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كۆپەيتىپ، كالتسىينى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ سۆڭەكنىڭ كالتىسىيسىزلىنىشىنى يېنىكلىتىپ، سۆڭەكنىڭ قېتىشىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.